新建网页 1

ﯰﻳﻐﯘﺭﭼﻪ

ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺑﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﯔ
        ﯪﺩﯞﯗﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﯮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯩ
        ﻛﻪﺳﯩﭙﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ
  بىز ھەققىدە:...  
 
 

ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى

شىنجاڭ قوش تىللىق ئادۋۇكاتلىق ئورنى 2006-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى رايونىدىكى بىردىن -بىر ئاز سانلىق مىللەت مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋۇكاتلىق ئورنى . ئادۋۇكاتلىق ئورنىدا 20 دىن ئارتۇق خىزمەتچى بولۇپ نەزەرىيىۋى ئاساسىي پۇختا ، مول ئەمەلىيى خىزمەت تەجىرىبىسىگە ئىگە يوقۇرى قاتلاملىق قانۇن كەسپى خادىملىرى ئومۇمىي ساننىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئادۋۇكاتلىق ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى گۈاڭ خۈي سارىيىنىڭ 21-قەۋىتىگە جايلاشقان. زامانىۋى ئىش بىجىرىش ئەسلىھەلىرى ھەم قاتناش ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرىگە ئىگە.

  ئادالەتنى ياقىلاپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئەلا قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىش ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ باش نىزامى ھەم ھەركەت ئۆلچىمى . ئادۋۇكاتلىق ئورنى قۇرۇلغان بىر يىل ماباينىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋۇكاتلار جەمىيىتى تەرىپىدىن  " ئىلغار پارتىيە ياچايكىسى " ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن " ئەدلىيە مەمۇرى سېستىمىسىدىكى ئىلغا كوللىكتىپ " ئۈرۈمچى شەھەرلىل ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن " ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداشتىكى نەمۇنىچى ئورۇن "  دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشتى .


سۈرەتتە : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوجىخان ھاكىموۋ بىلەن ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ مىڭلى قوش تىللىق ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يوپۇق ئاچماقتا .


ئورۇن نامى: ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯪﺩﯞﯗﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﯮﺭﻧﻰ
 ﺗﯧﻠﻔﻮﻥ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ: 0991-8536399
ﯪﺩﯨﺮﯨﺴﻰ: ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯴﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﻳﻮﻟﻰ 68-ﻧﯘﻣﯘﺭ ﮔﯜﺍﯓ ﺧﯘﻱ ﺳﺎﺭﯨﻴﻰ 21-ﻗﻪﯞﻩﺕ
QQ ﻧﯘﻣﯘﺭ: 1212121
E-mail: koxtil@koxtil.com